ئافغانىستان ساقچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئۈچ ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى، بەش ساقچى يارىلاندى.

2137512
ئافغانىستان ساقچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بەدەخشان ۋىلايىتىنىڭ جەۋزۈن رايونىدا بىر موتوسىكلىت بومبا ساقچى ئەترىتى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىتىلدى. ۋەقەدە ئۈچ ساقچى جېنىدىن ئايرىلىپ، بەش ساقچى يارىلاندى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر