پۇتىن پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن موسكۋادا ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

2137454
پۇتىن پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇتىن بىلەن پاشىنيان رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا چاقىرىلغان ياۋر-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، كرېمىل سارىيىدا كۆرۈشكەن.

پۇتىن كۆرۈشۈشنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئوچۇق قىسمىدا قىلغان سۆزىدە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«ئەرمېنىيەنىڭ ياۋر-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 14 ھەسسە ئاشتى. ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرمۇ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلماقتا. ئۆزئارا سودا ئومۇمىي سوممىسى 7 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. دەرۋەقە، سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزدە بۇنداق مۇۋەپپەقىيەت ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىشىدىنمۇ مۇھىم رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرمۇ بار، ئەلۋەتتە.»

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بولسا، رۇسىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«بىز ئالدىنقى يىلى (2023) 12-ئايدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن ئىدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇزاكىرە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر يىغىلىپ قالغانىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر