بايدىن ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشى توغرىسىدا توختالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيە رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان تەقدىردە، ۋاشىنگتوننىڭ تېل ئاۋىۋنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2137337
بايدىن ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن CNN نىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدىكى سۆزلىرى جەريانىدا، غەززە ۋەزىيىتى ۋە ئىسرائىلىيە رەفاھقا كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قوزغىغان تەقدىردە، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.

جو بايدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تەخمىنەن 900 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى بومبىلارنى ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتىشنى توختىتىپ قويغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «غەززەدىكى پۇقرالار بۇ بومبىلار ۋە (ئىسرائىلىيەنىڭ) ئاھالىلەر مەركەزلىرىگە كىرىشلىرى نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلدى» دېدى ۋە مەزكۇر سۆزلىرى ئارقىلىق ئامېرىكادا ياسالغان بومبىلارنىڭ غەززەدىكى بىگۇناھ پەلەستىنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم ئىسرائىلىيەنى رەفاھقا قارشى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قوزغاشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بايدىن، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن: «ئۇلار تېخى (رەفاھقا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىپ كىرمىدى. ئەگەر كىرىپ قالسا، مەن رەفاھ ۋە باشقا شەھەرلەردە ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىمنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىدە يەنىلا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بايدىن، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىدا ئىشلەتكەن بىر قىسىم قورال، بومبا ۋە زەمبىرەك ئوقىنى ئەۋەتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023- يىلى7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، 35 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر