بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىرېلاندىيە بىلەن ئىسپانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ 21-ماي (2024) پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2137358
بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرېلاندىيە رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىرېلاندىيە، ئىسپانىيە، سىلوۋېنىيە ۋە مالتانىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى ئالاقىسى كۈچەيگەن.

ئىرېلاندىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى مايكېل مارتىننىڭ باياناتچىسىمۇ مەزكۇر سۆھبەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىرېلاندىيە بىلەن ئىسپانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر 21-ماي پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىدىكەن.

مەلۇمكى، ئىرېلاندىيە، سىلوۋېنىيە، مالتا ۋە نورۋېگىيە ئىسپانىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش يولىدىكى لوبىچىلىق پائالىيىتىنى قوللاۋاتاتتى.

پەلەستىن دۆلىتى ھازىرغىچە بۇلغارىيە، پولشا، چېخىيە، رۇمېنىيە، سىلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ۋە شىۋېتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 8 دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر