ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە 11 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى.

2136907
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (ۋافا) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،  ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېسىپ كىرىپ، ئەلخەلىل شەھىرىدە 7، جېنىن شەھىرىدە 3 ۋە راماللاھ شەھىرىدە 1 بولۇپ، جەمئىي 11 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئەلخەلىل شەھىرىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرى ۋە يېزا - قىشلاقلىرىدا ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرغان.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى غەززە رايونىغا ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش، ئاختۇرۇش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتكەن.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا  497 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر