تىكتوك سوتقا ئەرز قىلدى

تىكتوك ۋە بايتدەنس (ByteDance) باشقا شىركەتلەرگە سېتىپ بېرىلىشىنى، سېتىلمىغان ئەھۋالدا چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا چىقىرىلغان قانۇن سەۋەبىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلدى.

2136921
تىكتوك سوتقا ئەرز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىكتوك ۋە بايتدەنس سېتىپ بېرىش قانۇنىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

تىكتوكنىڭ ئەرزنامەسىدە، ئامېرىكادا سودا بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن سېتىپ بېرىلىشكە بۇيرۇلۇشىنىڭ، مەيلى سودا خاراكتېرلىك بولسۇن ياكى تېخنىكىلىق ۋە قانۇنىي جەھەتتىن بولسۇن مۇمكىن ئەمەسلىكى قەيت قىلىندى.

پىرېزىدېنت بايدىن 24-ئاپرېل (2024)  خىتاينىڭ بايتدەنس شىركىتىنىڭ ئاساسىي شېرىكى بولغان تىكتوكنى ئامېرىكادا سېتىپ بېرىشنى؛ ئەگەر سېتىلمىغان ئەھۋالدا چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى تەستىقلىغان ئىدى.

مەزكۇر قانۇندا، بايتدەنس شىركىتى تىكتوكنى 2025-يىلى 19-يانۋارغىچە سېتىپ بولۇشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، ئەكسىچە بولغاندا، تىكتوك ئامېرىكادىكى تور يۇمتال ماگېزىنلىرىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

قانۇن تەكلىپىنى قوللغان كونگرە ئەزالىرى بايتدەنىس شىركىتىنىڭ تىكتوك ئارقىلىق قولغا چۈشۈرگەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. قارشى چىققان ئەزالار بولسا، تىكتوكنىڭ ئۇچۇر توپلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزىدۇ دېگەن قاراشلارنى ئىسپاتلاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا يۇمتالنى چەكلەشنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

تىكتوك شىركىتى بولسا، باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىغا ئوخشاش، پۈتۈنلەي ئامېرىكا قانۇنلىرىغا ئاساسەن پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر