رۇسىيە يېرىم كېچىدە نۇرغۇن شەھەرلەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
رۇسىيە تۈنۈگۈن (7-ماي) كېچە ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋ ۋە باشقا شەھەرلەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيە قىسىمى رۇسىيەنىڭ كىيېۋدىن باشقا ئالتە شەھەرگە 55 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، 21 ئۇچقۇ بىلەن شەھەرلەرنى بومباردىمان قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، 39 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 20 دانە ئۇچقۇنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلىنىپ تاشلانغانلىقى، ئۈچ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ھۇجۇمدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ 2022-يىلى 24-فېۋرال ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرۈشى بىلەن، ؟ۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى رەسمىي باشلانغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئۇكرائىنا ماي ئېيى كىرگەندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئۇكرائىنا دونېتسىك رايونىدا رۇسىيەگە تەۋە Su-25 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.