كۇۋەيت ئەمىرى ئەردوغانغا تېلېگرامما يوللاپ، مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى

كۇۋەيت ئەمىر مەشئەل ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ پايتەخت ئەنقەرەدىكى زىيارىتى جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن سۇنۇلغان «دۆلەت شەرەپ ئوردېنى» ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

2137042
كۇۋەيت ئەمىرى ئەردوغانغا تېلېگرامما يوللاپ، مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى —كۇنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەسساباھ ئەردوغانغا تېلېگرامما يوللاپ: «تۈركىيەدىن خۇشاللىق ئىچىدە ئايرىلدۇق. ئىككى دوست دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن تارىخىي رىشتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ۋە يېقىن دوستلۇقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، بىز ۋە ھەمراھلىقىمىزدىكى ھەيئەتكە نامايان قىلىنغان مېھماندوستلۇق ئۈچۈن، «ئەردوغانغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن.

كۇۋەيت ئەمىرى ئەسساباھنىڭ ئەنقەرەدىكى زىيارىتىنىڭ «ئورتاق نىشان ۋە ئۆزئارا مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ، بارلىق ساھەلەردە ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغان شەكىلدە بەرپاچى ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىش ئۈمىدىنى كۈچەيتكەنلىكى» تەكىتلەندى.

«دۆلەت شەرەپ ئوردېنى» تەقدىم قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا «ئەڭ چوڭقۇر مىننەتدارلىقى»نى ئىپادىلىگەن ۋە بۇنىڭدىن ئىپتىخارالانغانلىقىنى بىلدۈرگەن كۇۋەيت ئەمىرى، ئەردوغاننىڭ بۇ ئىلتىپاتىنىڭ «ئىككى دوست دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن كۇۋەيت ئەمىرى مەشئەل ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلغانىدى.

جۇمھۇر رەئىسئەردوغان كۇۋەيت ئەمىرى ئەسساباھقا دۆلەت ئوردېنى تەقدىم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر