يۈننەندە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر دوختۇرخانىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

2136427
يۈننەندە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر دوختۇرخانىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى —شىنخۇانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۈننەننىڭ كاۋتوڭ ۋىلايىتى جىنشىيوڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ھۇجۇمچى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈش داۋام قىلماقتا ئىكەن.

يۈننەنگە قوشنا گۈيچۇ ئۆلكىسىدە تارقىتىش بېرىدىغان «گۈيجۇ تېلېۋىزىيەسى»ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى بېتىدە، ھۇجۇمدا 23 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر