ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رەفاھقا كىردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ رەفاھ رايونىغا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى قوزغىدى، دەسلەپكى ھۇجۇملاردا 20 پەلەستىنلىك قازا قىلدى.

2136365
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رەفاھقا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رەفاھ رايونىنىڭ مىسىر بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزىنىڭ غەززە تەرىپىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ مىسىردىن تەخمىنەن 3.5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان پەلەستىن تەرىپىدىكى قىسمىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكى، ھۇجۇم داۋامىدا 20 پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

گەرچە ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتى تۈنۈگۈن كەچتە (6-ماي) ھاماسنىڭ قاتار ۋە مىسىر تەرىپىدىن سۇنۇلغان «ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپلىرى» نى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما غەززە رايونىدىكى سەرگەردان پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان رەفاھ رايونىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە زەمبىرەكلىرى يېرىم كېچىدە رەفاھ شەھىرىنىڭ شەرقىنى قاتتىق بومباردىمان قىلغانىدى.

رەفاھ شەھىرىنىڭ مىسىر بىلەن چېگرالىنىدىغان رايونلىرىدا ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۈگۈن ئەتىگەنمۇ (7-ماي) رەفاھ رايونىغا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قوزغىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئېلان قىلغان  باياناتىدا، مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەن پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان رەفاھنىڭ شەرقىدىكى بىر قىسىم مەھەللىلەرنىڭ بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇندىن كېيىن، نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر رەفاھ رايونىدىن قېچىشقا باشلىغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 14 مىڭ 944 بالا ۋە 9 مىڭ 849 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 34 مىڭ 735 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 78 مىڭ 108 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا يەنىلا مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى بار بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسى پاناھلىنىۋاتقان دوختۇرخانىلار ۋە مائارىپ ئورۇنلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنىپ، ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلەر ۋەيران بولماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر