رۇسىيە: ئەنگلىيەگە ھۇجۇم قىلىمىز

رۇسىيە: «ئەگەر ئۇكرائىنا ئەنگلىيە قوراللىرى بىلەن بىزگە ھۇجۇم قىلسا، ئۇڭكرائىنا ۋە ئۇكرائىنا سىرتىدىكى ئەنگلىيە ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىمىز» دېدى.

2136325
رۇسىيە: ئەنگلىيەگە ھۇجۇم قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەنگلىيە توغرىسىدا مۇھىم بىر باياناتنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامېروننىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان «ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى ھەربىي نۇقتىلارغا ئەنگلىيە قوراللىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە» دېگەن سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى.

باياناتتا، بۇ سەۋەبتىن، ئەنگلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىگېل كاسېي (Nigel Casey) نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقغا چاقىرىلىپ، نوتا تاپشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«كامېروننىڭ دۈشمەنلەرچە ئېيتقان سۆزى، ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇكرائىناغا بەرگەن يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى رۇسىيە زېمىنىغا ئاتماسلىق توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىگە خىلاپ. كامېرون بۇنى رەت قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ توقۇنۇشۇۋاتقان بىر تەرەپكە يانباسىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان بولدى. رۇسىيە كامېروننىڭ سۆزلىرىنى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرگەن ئامىللارنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ۋە لوندوننىڭ توقۇنۇشلاردا كىيېۋ تەرەپتە تۇرغانلىقى دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئۇكرائىنا ئەنگلىيە قوراللىرى بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلسا، رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە ئۇكرائىنا سىرتىدىكى ئەنگلىيە ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر