پۇتىن  قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى

رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.

2136583
پۇتىن  قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋلادىمىر پۇتىننىڭ  قەسەم بېرىپ  ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مەجلىسى، دۇما ۋە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاخبارات خادىملىرى ۋە پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 2600 مېھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

رۇسىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى نەق مەيداندىن تارقاتقان مۇراسىمدا، پۇتىن ئوڭ قولىنى ئاساسىي قانۇن دەپتىرىگە قويغان ھالدا قەسەم بەردى.

پۇتىن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنى قايتا سايلىغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيە خەلقىگە رەھمەت ئېيتىپ، رۇسىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەنى ئىشەنچلىك ۋە سەمىمىي ھەمراھ دۆلەت دەپ قارايدىغان بارلىق ئەللەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئىرادىمىز قەتئىي ۋە كەسكىندۇر.»

ۋلادىمىر پۇتىننىڭ  قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق موسكۋا باش ئەلچىسى تانجۇ بىلگىچ قاتناشتى.

مارتتا (2024) رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش نىسبىتى %77.49 بولغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، %87.28 ئاۋازغا ئېرىشكەن پۇتىن، يەنە 6 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر