ھاماسنىڭ كېلىشىم تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەدە نامايىشلار باشلىنىپ كەتتى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس قاتار بىلەن مىسىرنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى كېلىشىم لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

2136341
ھاماسنىڭ كېلىشىم تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەدە نامايىشلار باشلىنىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە قاتار ۋە مىسىر ئەمەلدارلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقلىرىنى مەلۇم قىلدى.

تەكلىپنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى؛ ئىسرائىلىيەلىك بىر ئەمەلدار ھاماس ماقۇللىغان «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» تەكلىپىنىڭ تەپسىلاتىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى، تېل ئاۋىۋنىڭ «ھاماسنىڭ جاۋابىنى تەكشۈرىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «كان»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئەمەلدار «ھاماسنىڭ نېمىنى قوبۇل قىلىپ، نېمىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيەلىكلەر ھاماس كېلىشىمنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئوخشاش يۆنىلىشتە قارار ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلىپ، غەربىي قۇددۇستا نامايىش ئۆتكۈزدى.

«يەدىئوت ئاخرونوت» گېزىتى، ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدىكى باياناتىدىن كېيىن، «مىڭلارچە پۇقرانىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش» قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پايتەخت تېل ئاۋىۋدىكى ئاساسلىق كوچىلارنى تاقىۋالغان نامايىشچىلار غەززەدىكى ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، «ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى خالايمىز» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئۆزئارا تىركەشكەن.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم باشلايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر