غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 34 مىڭ 789 غا يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 34 مىڭ 789 غا يەتتى.

2136444
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 34 مىڭ 789 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 214 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 6 قېتىم قىرغىنچىلىق قىلغان، بۇ جەرياندا يەنە 54 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان، 96 پەلەستىنلىك يارىلانغان.

 ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 34 مىڭ 789 غا، يارىلانغانلارنىڭ سانى 78 مىڭ 204 كە يەتكەن.

خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا ئۆلۈكلەر بار بولۇپ، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر