چېخىيە رۇسىيە باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

رۇسىيەنىڭ پىراگادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكساندىر زمېۋىۋىسكىي چېخىيە ئورگانلىرى ۋە مۇھىم ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان «تور ھۇجۇمى» سەۋەبىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

2136650
چېخىيە رۇسىيە باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يان لىپاۋىسكىي رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى APT28 گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان مىكروسوفتنىڭ ئوۋتلۇك دىتالىدىكى ئېنىقلىنالمىغان بىر بىخەتەرلىك بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، چېخىيە ئورگانلىرىغا «تور ھۇجۇمى» قىلغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ پىراگادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زمېۋىۋىسكىينىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىپاۋىسكىي ھۇجۇملارنىڭ چېخىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

چېخىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، APT28 گۇرۇپپىسىنىڭ گېرمانىيەگىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيەنىڭ بۇ دۆلەتتىكى باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر