ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى رەفاھتىكى بەزى مەھەللىلەرنى بوشتىشنى باشلىدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان رەفاھ شەھىرىدىكى بەزى مەھەللىلەرنى بوشتىشىنى باشلىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

2135824
ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى رەفاھتىكى بەزى مەھەللىلەرنى بوشتىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە كان (KAN) تېلېۋىزىيەنىڭ خەۋىرىدە، ئارمىيەنىڭ رەفاھنىڭ شەرقىدە ئىسىرائىلىيە چېگراسى ئەتراپىغا جايلاشقان نۇرغۇن مەھەللىلەرنى بوشتىشنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ئىسىرائىلىيە ۋاقتى گېزىتى» (The Times of Israel) نىڭ خەۋىرىدىمۇ، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رەفاھ چېگراسىنىڭ شەرقىدىكى مەھەللىلەردە ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەرگە ئەل مەۋاسى ۋە خان يۇنۇستىكى بىخەتەر رايونلارغا كېتىشنى ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت رەفاھ شەھىرىنى «پات ئارىدا ئىشغال قىلىدىغانلىقلىرى» نى بىلدۈردى.

«يەدىيوت ئاخرونوت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، گاللانت ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى كونترول قىلىۋاتقان نېتزارىم كارىدورىدا ھەربىي قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بايانات ئېلان قىلغان.

ئۇ: «ھاماسنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا ھەر قانداق كېلىشىم تۈزۈش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىنى ئەندىشەلەندۈرىدىغان ئالامەتلەرنى كۆردۇق. بۇ رەفاھ ۋە غەززە رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلاشتىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن، تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ نوپۇسى بار غەززە رايونىدا 1 مىليون 900 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى. بۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيە ئىلگىرى «بىخەتەر رايون» دەپ دەۋا قىلغان رەفاھ شەھىرىدە پاناھلاندى.

غەززە رايونىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مىسىر چېگراسىدىكى رەفاھنىڭ نوپۇسى ئىسرائىلىيە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى 280 مىڭ ئىدى ، ھازىر 5 ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ، 1.5 مىليونغا يېقىنلاشتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدىن قېچىپ، تۇرالغۇ ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەر يېتەرلىك بولمىغان رەفاھتا پاناھلىنىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى، ۋاقىتلىق چېدىرلاردىن قۇرۇلغان لاگېرلاردا ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پات-پات ھاۋادىن بومباردىمان قىلىۋاتقان رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا، پۇقرالارنىڭ غەززەدە پاناھلىنىدىغان ھېچقانداق جايىنىڭ قالمايدىغانلىقى چوڭقۇر ئەندىشەلەرنى پەيدا قىلماقتا.  

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلىش تەھدىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن باشلاپ غەززە رايونىغا قىلىۋاتقان ھەر خىل ھۇجۇملىرىدا، كەم دېگەندە 14 مىڭ 944 كىچىك بالا ۋە 9 مىڭ 849 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 34 مىڭ 683 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 78 مىڭ 18 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

بىر تەرەپتىن، خارابىلىك ئاستىدا ھازىرغىچە مىڭلىغان كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق پاناھلىنىۋاتقان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىپ، ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر