ئامېرىكا ئىسىرائىلىيەگە ئەۋەتىلىدىغان ئوق-دورىلارنى توختىتىپ قويغان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئىسىرائىلىيەگە ئەۋەتىلىدىغان ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىلغان ئوق-دورىلارنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2135765
ئامېرىكا ئىسىرائىلىيەگە ئەۋەتىلىدىغان ئوق-دورىلارنى توختىتىپ قويغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكا «Axios» تور بېتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىسىرائىلىيەگە ئەۋەتىلىدىغان ئوق-دورىلارنى توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوق-دورىلارنى ئەۋەتىشنى توختىتىشنىڭ، غەززە بومباردىمانى باشلانغان 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىسىرائىليەگە قارشى  تاشلانغان تۇنجى ئېمبارگو قەدىمى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنى چوڭ ئەندىشەگە سالغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، ئۆتكەن ھەپتە ئىسىرائىلىيەنى زىيارەت قىلغان ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ كەسكىن مۇنازىرە ئىچىدە ئۆتكەنلىكى خاتىرىلىتىلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 88 دېموكرات ئەزاسى ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن پۇقرالىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشكە قەستەن توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسىرائىلىيەگە قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى چاقىرىق قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر