ئافغانىستاندا كەلكۈن ئاپىتىدە 14 ئادەم قازا قىلدى

ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە ئوخشىمىغان ۋىلايەتلەردە 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2135919
ئافغانىستاندا كەلكۈن ئاپىتىدە 14 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى موللا جانان سائىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە ھېرات، سارېپول، فەراھ، لاغمان، نۇرىستان ۋە خوست قاتارلىق 14 ۋىلايەتتە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 140 ئۆي ۋەيران بولغان، 2 مىڭدىن ئارتۇق ھايۋان ھالاك بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئافغانىستاندا قىش ئايلىرىدا ياغقان قارنىڭ ھاۋارايىنىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ ئېرىشى، قارا يامغۇر ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتىدە نۇمان قۇرتۇلمۇش ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىكەن، نۇرغۇن ھايۋانلار ھالاك بولىدىكەن.

 بۇ سەۋەبتىن، ئافغانىستاندا كەلكۈن ئاپىتىدە ھەر يىلى نەچچە يۈز ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر