پۇتىن ئەتە قەسەم بېرىپ، يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى باشلايدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئەتە (7- مايدا) قەسەم بېرىپ، يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى باشلايدۇ.

2135875
پۇتىن ئەتە قەسەم بېرىپ، يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن رۇسىيەدە مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا %87.28 ئاۋازغا ئېرىشكەن ۋە خەلقنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %77.49 بولغان بولۇپ، 7 -مايدا  كرېمىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا قەسەم بېرىپ، ۋەزىپىسىنى يەنە 6 يىل داۋاملاشتۇرىدۇ.

پۇتىن قەسەم بەرگەندىن كېيىن، مەۋجۇت ھۆكۈمەت ئىستېپا بېرىدۇ.

2020 - يىلى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە بىنائەن، يېڭى ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقى بىلەن ۋەزىپىسىنى باشلايدۇ.

ۋلادىمىرپۇتىن قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈچۈن باش مىنىستىر نامزاتىنى رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى دۇما ئەزالىرىنىڭ تەستىقىغا سۇنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر