نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 24 ئادەم قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ كاتسىنا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 24 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2135859
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 24 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، قوراللىق گۇرۇھ ئەزالىرى كاتسىنا ئۆلكىسىنىڭ ئۇنگۇۋار ساركىن نوما، گانگارا، تافى ۋە كورې يېزىلىرىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇملار داۋامىدا 24 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

نىگېرىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرى يېقىندىن بۇيان قوراللىق گۇرۇھلار شۇنداقلا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بوكو ھارام، دائېشنىڭ غەربىي ئافرىقا تارمىقى ئىسۋاپنىڭ ھۇجۇملىرىغا سەھنە بولماقتا ئىكەن.

نىگېرىيەدە جازاسى ئۆلۈم بولسىمۇ لېكىن تۆلەم ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى ناھايىتى كۆپ يۈز بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر