ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى پەلەستىننى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئۇچۇرى بىلەن باشلاندى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 15 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى گامبىيەنىڭ پايتەختى بانجۇلدا پەلەستىننى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۇچۇرى بىلەن باشلاندى.

2135512
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى پەلەستىننى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئۇچۇرى بىلەن باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان گامبىيە پىرېزىدېنتى ئاداما بارروۋ ئېچىلىش نۇتۇقىدا، پەلەستىننى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ھۇجۇمى ۋە غەززەدىكى ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇشىنىڭ ھەل قىلىش چارەسىنى تېپىشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بارروۋ رايوندا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە مۇقىمسىزلىق ھەمدە غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋالنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە يەر شارىنىڭ تىنچلىقىغا ئېغىرتەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىندە ھەل قىلىش چارەسى ئۈچۈن  بىر تىنچلىق كونفېرانسى ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بارروۋ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىزھەربىي ئارىلىشىشنىڭ تاللاش ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمىز. بۇنىڭ ئورنىغا تىنچلىق ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. بۇ تەكلىپ ھەر ئىككى دۆلەتنى ئىگىلىك ھوقۇق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە كېلىپ خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن خەلقىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان قانۇنلۇق مىللىي ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتىدۇر.»

بارروۋ جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى سۇنغان ئەرزىنى ماختىدى شۇنداقلا جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن شۇنداقلا ئادالەت ۋە جاۋابكارلىق تەلەپ قىلىدىغان ھەممەيلەن بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى، ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكنىڭ قۇربانلىرى ئۈچۈن ئادالەت ئىزدەشنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھامۇ خەلقئارادا پەلەستىننى قوغداش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى تەكىتلىدى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىنى توختىتىشى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە پەلەستىننى مۇستەقىل دۆلەت  سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش چاقىرىقىدا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر