كولۇمبىيە ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى

كولۇمبىيە پەلەستىن خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تېل ئاۋىۋ بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى.

2135321
كولۇمبىيە ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولۇمبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كولۇمبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 3-مايدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە دۆلىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئاغزاكى ئىزاھاتىنىڭ بوگوتادىكى ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىغا رەسمىي يەتكۈزۈلگەنلىكى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، كولۇمبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىپلوماتىك كېلىشىملەر باشقارمىسىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتلارنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەمما باياناتتا، تېل ئاۋىۋ ۋە بوگوتادىكى كونسۇلخانا پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا، ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «كولۇمبىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەرەپتە تۇرالمايدۇ. ۋەھشىيلىكنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇن قوغدىلىشى لازىم. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچنىڭ ئىپادىسى. دىپلوماتىيە بولسا، خەلقنىڭ ئورتاق ئەقلى بولۇشى ۋە ئۇنىڭ نىشانى ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقىغا ئۆزىنى ئاتاش بولۇشى كېرەك» دېدى.

پېترو 1-مايدىكى باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر