ئامېرىكا رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا «خىمىيەلىك قوراللارنى ئۇرۇش ۋاسىتىسى» قىلىپ ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەپ، 280 دىن ئارتۇق ئادەم ۋە ئورگاننى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

2135187
ئامېرىكا رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر رۇسىيەگە قارىتىلغان يېڭى جازالار توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ماتېۋ مىللېر موسكۋانى ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قوراللارنى ئۇرۇش قورالىغا ئايلاندۇرۇش ۋە 2022-يىلىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا خىمىيەلىك قورال «خىلوروپىكرىن»نى ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

بۇنىڭ خىمىيەلىك قوراللار ئەھدىنامىسىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىللېر: «(ئامېرىكا) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىمىيەلىك ۋە بىيولوگىيەلىك قوراللار قانۇنى دائىرىسىدە، رۇسىيەنىڭ  ئۇكرائىنادا <خىلوروپىكرىن> ئىشلىتىپ، خىمىيەلىك قوراللار ئەھدىنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى يەكۈنىنى چىقاردى» دېدى.

مىللېر بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال ئۈسكۈنىلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشىدە رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 280 شەخس ۋە ئورگاننى جازا تىزىملىكىگە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە بولسا، ئامېرىكانىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ باياناتنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر