ئىسرائىلىيەنىڭ زەھرا شەھىرىگە قىلغان ۋەھشىيانە ھاۋا ھۇجۇمىدا يەتتە پەلەستىنلىك شېھىت قىلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ مەركىزى رايونىغا جايلاشقان نۇسايرات پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنىڭ شىمالىدىكى زەھرا شەھىرىگە قىلغان ۋەھشىيانە ھاۋا ھۇجۇمىدا، يەتتە پەلەستىنلىك شېھىت قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسىرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغان يەتتە كىشىنىڭ جەسىتى نۇسايرات پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىكى ئەل ئاۋدە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان.
مۇغراكا رايونى ۋە زەھرا شەھىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملاردا يارىلانغان بەش پەلەستىنلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ بالنېستقا ئېلىنغان.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززە رايونىنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدىغان ئارمىيە لىنىيەسى «Netzarim» كارىدورىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە، زەھرا شەھىرى ۋە مۇغراكا رايونىغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە.
بۇ جەرياندا، ئىسرائىلىيە 7 - ئۆكتەبىر (2024) دىن بۇيان تۇنجى قېتىم غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىەملەرنىڭ كىرىشى ئۈچۈن ئەرەز چېگرا دەرۋازىسىنى ئاچتى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ماسلاشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى پولكوۋنىك موشە تېترو بۇ ئۆتۈشمە يولنىڭ ھەر كۈنى ئوچۇق بولۇشىنى ھەمدە ھەر كۈنى غەززەگە 500 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىلىنىڭ كىرىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەمچى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.