ئامېرىكادىكى پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئەنگلىيەدىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتىتىدا باشلانغان پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئەنگلىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى.

2134439
ئامېرىكادىكى پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئەنگلىيەدىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېۋكاستىل، بىرىستول، ۋارۋىك، لېئېد، شېففىلد ۋە شېففىلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپلىرىنىڭ قورۇلىرىدا يىغىلىپ، لاگېر قۇرۇپ، پەلەستىننى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچى – خادىملار ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ئىسرائىلىيەنى قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ داڭلىق 50 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغۇچىلار پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە.

ساقچىلار نامايىشلار داۋامىدا يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر