شولز نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى.

2134663
شولز نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ۋولفگاڭ بۇچېر بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر شولز بىلەن باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسىگە ئالاقىدار بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، ئىككى باش مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ قولىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقى ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر