ب د ت: غەززەدىكى خارابىلىك ئۇكرائىنادىكىدىن كۆپ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىسرائىلىيەنىڭ 7 ئايدىن بۇيانقى ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان غەززەدىكى خارابىلىك ۋە ئەخلەت دۆۋىلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئۇكرائىنادىكى خارابىلىك ۋە ئەخلەت دۆۋىلىرىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2134342
ب د ت: غەززەدىكى خارابىلىك ئۇكرائىنادىكىدىن كۆپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مىناغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى (UNMAS) ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان خارابىلىك ھەققىدىكى مۆلچەرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ب د ت مىناغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، غەززەدە جەمئىي 37 مىليون توننا ھەر خىل خارابىلىك قالدۇقى ۋە ئەخلەتلەر يىغىلغان بولۇپ، ھەر بىر كىۋادرات مېتىر جايغا 300 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئەخلەت چۈشىدىكەن.

مەزكۇر ئورگاننىڭ پەلەستىنگە مەسئۇل خادىمى مونگو بىرچ: «غەززەدىكى خارابىلىك ئۇكرائىناغا قارىغاندا كۆپ» دېگەن.

غەززەدىكى خارابىلىكلەردە 800 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئەخلەت، كېرەكسىز نەرسە-كېرەكلەر بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىرچ: «بۇ خارابىلىكلەر بەلكىم پارتلىمىغان قوراللارنىڭ تەسىرىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، خارابىلىكتىكى باشقا خەتەرلەر سەۋەبىدىن ئۇلارنى تازىلاش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ» دېگەن.

ئۇ پارتلىمىغان ئوق-دورا ۋە راك پەيدا قىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىلاردىن قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، غەززەنى تازىلاش ئۈچۈن ھازىرغىچە 5 مىليون دوللار مەبلەغ تاپقانلىقلىرىنى، ئەمما ئالدىمىزدىكى 12 ئاي ئىچىدە 40 مىليون دوللارغا، غەززە ئاھالىسىنىڭ ياشىشىغا ئۇيغۇن شەكىلدە تولۇق تازىلاش ئۈچۈن 100 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىقتىسادقا ئېھتىياج چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە 35 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ %79كە يېقىنى ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر