ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرستېتلاردا پەلەستىن نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا

پارىژ 1-پانتېئون سوربون ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان غەززەدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش» چاقىرىقى ئاستىدا كامپۇسلاردا نامايىش باشلىدى. كولومبىيە ئۇنىۋېرستېتىدىكى نامايىشلار ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى.

2134142
ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرستېتلاردا پەلەستىن نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پايتەختى پارىژنىڭ 13-رايونىغا جايلاشقان پارىژ 1-پانتېئون سوربون ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە كامپۇستا توپلاندى.

ئوقۇغۇچىلار «ماكرون خالىمىسىمۇ پەلەستىننىڭ شەرىپى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن بۇ يەردىمىز» دەپ شوئار توۋلاپ، پەلەستىن بايراقلىرىنى لەپىلدەتتى.

ۋېنېزۇئېلا پايتەختى كاراكاستىمۇ يۈزلىگەن ئوقۇغۇچى ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شەھەردكى ئەڭ چوڭ كوچىدا پەلەستىن ۋە ۋېنېزۇئېلا بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ پىيادە يۈرۈدى.

ئوقۇغۇچىلار «پەلەستىنگە ئەركىنلىك» دەپ شوئار توۋلىدى.

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىگە جايلاشقان كولومبىيە ئۇنىۋېرستېتىدا، ساقچىلار تارىخىي خامىلتون خولدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئالدى.

كولومبىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مورنىڭسايد خايتس (Morningside Heights) كامپۇسىدا ئوقۇغۇچىلار قۇرغان غەززە ھەمكارلىق لاگېرى، ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلدى. ئامستېردام كوچىسى تەرەپكە توپلانغان ئامما، خامىلتون خول بىناسىدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى باستۇرغان ساقچىلارغا نارازىلىق بىلدۈردى.

فلورىدا ئىشتاتىنىڭ تامپا شەھىرىدىكى جەنۇبىي فلورىدا ئۇنىۋېرستېتىدا، ساقچىلار پەلەستىننى قوللىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، 10 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر