ئامېرىكا رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا غەززەدە ئۇرۇش توختىسۇن-توختىمىسۇن رەفاھقا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئامېرىكا رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشقا قارشى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

2134148
ئامېرىكا رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون كىربى توردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، غەززە ۋە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىسۇن-توختىمىسۇن رەفاھقا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان باش مىنىستىر نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ: «رەفاھتا كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى كۆرۈشنى خالىمايمىز. ئۇ يەردە پاناھلىنىۋاتقان 1 يېرىم مىليون كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەرگە ئالمىغان بىر ھەربىي ھەرىكەتنى كۆرۈشنى خالىمايمىز» دېدى.

ئۇ ھازىرغىچە ئىسىرائىلىيە تەرەپتىن رەفاھقا مۇناسىۋەتلىك بىر پىلاننىڭ يەتكۈزۈلمىگەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ ئىشەنچلىك پىلان بولغان تەقدىردىمۇ رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھاماسنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك سۇنۇلغان يېڭى تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاماسنىڭ بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭمۇ ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇرۇشنىڭ بالدۇرراق توختىتىلىشىنى، ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر