نىگېرىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى دۆلەت مەسئۇللىرى ئوغرىلىغان پۇلنى قايتۇرۇشقا چاقىردى
نىگېرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۈسۈپ مايتاما تۇگگار ھۆكۈمەتنىڭ نىگېرىيەلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن چەت ئەلگە قاچۇرۇلغان مىليونلىغان دوللارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۈسۈپ مايتاما تۇگگار ئامېرىكا تەرىپىدىن نىگېرىيەگە قايتۇرۇلغان 308 مىليون دوللارنىڭ قانچىلىغان يىللاردىن بېرى ئەتكەس قىلىنىۋاتقان پۇللارنىڭ نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يۈسۈپ مايتاما تۇگگار نىگېرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلگە قاچۇرۇلغان پۇللارنى تەرەققىيات شېرىكلىرى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانى بۇ پۇللارنى قايتۇرۇشقا چاقىردى.
تۇگگار بۇ مەبلەغلەرنىڭ ئۇل-ئەسلىھە تەرەققىياتىغا ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى، يول، مەكتەپ، مائارىپ ۋە باشقا مەبلەغ سېلىش كېرەك بولغان مۇھىم ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نىگېرىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ مىليونلىغان دوللارنى ئامېرىكا قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرگە قاچۇرغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.