بلىنكېن ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا قىلغۇسى ھۇجۇمى تۈغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن: «پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈلمەيدىغان بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلمىسا، بىزنىڭ رەفاھقا قارىتىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك بىر نى قوللىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
2133621
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئانتونى بلىنكېن 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ياقلايدىغان بىر ھەرىكەت پىلانىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.
ئوتتۇرا شەرقتە 1948-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كىرىزىسلەرنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغان بلىنكېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايون ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە غەززەدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ كەڭ رايونلارغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈلمەيدىغان بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلمىسا، بىزنىڭ رەفاھقا قارىتىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك بىر <ھەربىي ھەرىكەت>نى قوللىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرغىچە رەفاھتىكى پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈلمەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىرەر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مىنىستىر بلىنكېن ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى غەززەگە ھېسداشلىق قىلىش نامايىشلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ نامايىشلار پۇقرالىرىمىزنىڭ غەززەدىكى پۇقرالار، ئاياللار ۋە بالىلار تارتىۋاتقان ئازابلارغا بولغان ئىزتىرابىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، مەن بۇنى ياخشى چۈشىنىمەن» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.