ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى پەلەستىننى قوللاش نامايىشىدا قولغا ئېلىندى

ئامېرىكادا نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا يېشىللار پارتىيەسىدىن نامزات بولغان جىل ستەيىن ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىننى قوللاش نامايىشىدا قولغا ئېلىندى.

2133196
ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى پەلەستىننى قوللاش نامايىشىدا قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ستەيىننىڭ باياناتچىسى ۋە سايلام سەپەرۋەرلىكى دىرېكتورى شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇئاۋىنىنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قولغا ئېلىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ ستەيىننىڭ ئۈستىدىن ۋېلىسىپىت بىلەن بېسىپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.  

باياناتچى ساينت لۇئىس شەھىرىگە جايلاشقان ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا، نامايىشچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنى غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەيدىغان بويىن شىركىتىگە سالغان مەبلىغىنى ئازايتىشقا چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ستەيىننىڭ پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپى ۋە تىنچ نامايىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ» دېدى.

ساقچىلارنىڭ ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نامايىش ئۈچۈن مەقسەتلىك قۇرۇلغان لاگېرلارغا بېسىپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى ۋە بۇ ھەرىكەتتە 100 دىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ساقچىلارنىڭ  نامايىشنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرغانلىقى ۋە  نامايىشچىلارنى يەرگە ياتقۇزۇپ، دۈمبىسىگە مېنىپ تۇرۇپ تەتۈر كىشەن سالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر