ئامېرىكادا 101 ياشلىق ئايالغا ئىككى ياشلىق بوۋاق دەپ بېلەت سېتىلدى

ئامېرىكادا 101 ياشلىق بىر ئايالنىڭ ئايروپىلان بېلىتى ھاۋايوللىرى شىركىتىنىڭ سىستېمىسىدىكى چاتاق سەۋەبىدىن ئىككى ياشلىق بوۋاق دەپ ئېلىندى.

2133216
ئامېرىكادا 101 ياشلىق ئايالغا ئىككى ياشلىق بوۋاق دەپ بېلەت سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فامىلەسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان 101 ياشلىق پېنسىيونىر سىستېرا پاترىشا (Patricia)  نىڭ مىشىگانغا ئائىلە زىيارىتى ئۈچۈن ئايروپىلاندا سەپەر قىلماقچى بولغاندا، بېلەتنىڭ بوۋاق دەپ بېرىلگەنلىكى ۋە بۇ سەۋەبتىن قىيىنچىلىققا يولۇققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاترىشا ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بېلەت سىستېمىسىدا تۇغۇلغان يىل بولغان 1922 نى «ناھايىتى بۇرۇنقى» بولغانلىقى ئۈچۈن تونۇمىغانلىقىنى ۋە تۇغۇلغان يىلىنى 2022 دەپ تونىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ: «بوۋاق بولغانلىقىم ۋە قۇچاققا ئېلىنىشىم كېرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئايرودۇرۇمدا چارقلىق ئورۇندۇق تاپالمىدىم. شۇڭا، ئايروپىلاندىن چۈشكەندىمۇ ناھايىتى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم» دېدى.

ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر