جو بايدىن ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن قوللاشقا ئېرىشكەن پىرېزىدېنتقا ئايلاندى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، تارىختىكى بارلىق پىرېزىدېنتلار ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن قوللاشقا ئېرىشكەن كىشىگە ئايلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي ئىشخانىسى ئامېرىكاغا جايلاشقان تەتقىقات شىركىتى گاللۇپ «Gallup» ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى قوللاش نىسبىتىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، پىرېزىدېنت جو بايدىن %38.7 قوللاشقا ئېرىشكەن.
بۇ نىسبەت تارىختىكى بارلىق پىرېزىدېنتلارنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئېرىشكەن قوللاش نىسبەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ تۆۋەن بولغان.
ئالدىنقى سابىق پىرېزىدېنتلار ئىچىدە دونالد ترامپ تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە %46.8، باراك ئوباما %45.9 قوللاشقا ئېرىشكەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.