بايدىن چەت دۆلەتلەرگە قىلىنىدىغان ھەربىي ياردەم پىلانىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىناغا 61 مىليارد دوللار، ئىسرائىلىيەگە 26 مىليارد دوللار ھەربىي ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 95 مىليارد دوللارلىق چەت ئەل ياردەم پىلانىنى ئىمزالىدى.

2131925
بايدىن چەت دۆلەتلەرگە قىلىنىدىغان ھەربىي ياردەم پىلانىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پىرېزىدېنت جو بايدىن ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ ئالدىغا كەلگەن چەت ئەل ياردەم پىلانىنى دەرھال ئىمزالاپ، ئۇكرائىناغا ياردەم ئەۋەتىشنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بايدىن ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر چەت ئەلگە ياردەم بېرىش پىلانى دائىرىسىدە ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى (تەيۋەن) غا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياردەم ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

غەززەگە ھۇجۇم قىلىپ مىڭلارچە پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بۇ قېتىمقى ھەربىي ياردەم پىلانى دائىرىسىدە ئىسرائىلىيەگە يەنە 26 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.

بايدىن ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان يېڭى ياردەم پىلانىنى «تېل ئاۋىۋنىڭ تېھراندىن ئۆزىنى قوغدىشى» دەپ ئاقلاپ، «مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ۋە ئۇ قوللاۋاتقان تېررورچىلاردىن ئۆزىنى قوغداشقا يېتىدىغان نەرسىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولىمەن» دېدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى14685 ى كىچىك بالا، 9760ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 34262 گە، يارىلانغانلار سانى 77229 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر