سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2129503
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى تافلوۋ قولتۇقى رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، نۇرغۇن قورال - ياراغ ۋە ئوق – دورىلار قولغا چۈشۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، سومالى ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابمۇ پۇقرالار ۋە ھەربىي رايونلارنى داۋاملىق ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا ئىكەن.