جو بايدىن ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن 1 - ئاپرېلدا ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى باش ئەلچىخانا تۇرالغۇسىدىكى كونسۇلخانا بىناسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمىنىڭ «ھەر ۋاقىت» يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

2127231
جو بايدىن ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش جەريانىدا بايدىندىن ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىدىغان ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى ھۇجۇمى توغرىسىدا سوئال سورالدى.

بايدىن ئىراننىڭ قانچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى خالايمەن، ئەمما مېنىڭ مۆلچەرىمچە ھەر قانداق ۋاقىتتا يۈز بېرىشى مۇمكىن» دېدى.

بايدىن ئىراننى ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز ئۆزىمىزنى ئىسرائىلىيەنى قوغداشقا ئاتىدۇق. بىز ئىسرائىلىيەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيمىز. ئىسرائىلىيەنى قوغداشقا ياردەم قىلىمىز، ئىران مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە 1 - ئاپرېلدا ئىراننىڭ دەمەشىقتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا تۇرالغۇسىدىكى كونسۇلخانا بىناسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان ۋە ھۇجۇمدا ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىەت قىلىش قىسىملىرىدىن 7 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانىي ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىقتىكى ئىران كونسۇلخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئىران زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىپلاس ھاكىمىيەت بىر خاتالىق سادىر قىلدى، چوقۇم جازالىنىشى كېرەك ۋە جازلىنىدۇ» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر