گېرمانىيە تېھرانغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى توختىتىش قارارىنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتتى
گېرمانىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە توختىتىش قارارىنى 18 - ئاپرېلغىچە ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، ۋەزىيەت ئانالىزىدىن كېيىن تېھرانغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە «يولۇچىلارنىڭ شۇنداقلا ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەمىشە ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر» دېيىلدى.
باياناتتا، ئاۋىئاتسىيە شىركىتى <Lufthansa> نىڭ پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ باھالاشلىرىنى ئاساس قىلىپ، شۇنداق قارار چىقارمىغانلىقى، ئەكسىچە نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى بىۋاستە ئانالىز قىلىپ، مۇستەقىل قارار چىقارغانلىقى تەكىتلەندى.
ئاۋىئاتسىيە شىركىتى <Lufthansa> 10 – ئاپرېلدا تېھرانغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن 11 - ئاپرېلغىچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئاۋىئاتسىيە شىركىتى <Lufthansa> نىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن 11 - ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن تېھرانغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارىنىڭ 13 - ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.