ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە شەرقىي دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
شەرقىي دېڭىزدا 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىر جەريانىا ياپونىيەنىڭ بىر ئۇرۇش پاراخوتى، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئىشلىتىلدى.
2127090
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۈچ دۆلەتتىن كەلگەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىمۇ قاتناشقان مانېۋىردا ئالاقە ۋە سانلىق مەلۇماتلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىن تارتىپ، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگىچە بولغان ھەر خىل سىناقلار ئېلىپ بېرىلدى.
ئۈچ تەرەپ رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرىمۇ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا، فىلىپپىن، ئاۋىستىرالىيە ۋە ياپونىيە تۇنجى قېتىم بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنىدى.
ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-ياپونىيە-فىلىپپىن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 10-ئاپرېل ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو بىلەن ئايرىم، 11-ئاپرېل فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس ھەمدە كىشىدا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنىدى.
باشلىقلار يىغىنىدا، «خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نوپۇزىغا قارشى ھىندى-تېنچ ئوكياندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ھەمكارلىقى بەرپا قىلىش» پىكرى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان تۇنجى قېتىملىق ئۈچ تەرەپ يىغىنى بولغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.