نېتانياھۇ شۇنچە نارازىلىقلارغا پىسەنت قىلماستىن، رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش تەرسالىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى 1 مىليون 500 مىڭ پەلەستىنلىك پاناھلانغان رەفاھ شەھىرىگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز رەفاھقا كىرىمىز ۋە كونكرېت غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى.

2119676
نېتانياھۇ شۇنچە نارازىلىقلارغا پىسەنت قىلماستىن، رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش تەرسالىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېنيامىن نېتانياھۇ يەھۇدىيلىق ئېتىقادىدىكى پۇرىم بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ساقچىخانىنى زىيارەت قىلدى.

نىتانىياھۇ تەۋرات ئېتىقادىغا ئاساسەن يەھۇدىيلارنىڭ پۇرىم بايرىمىدا مەغلۇب قىلغان ئىران پادىشاھى ئاھاشۋېرۇشنىڭ ۋەزىرى ھاماننى ئىما قىلغان ھالدا، غەززە رايونىدىكى ھاماسنىڭ رەھبىرى يەھيا سىنۋارنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر نېتانىياھۇ زامانىۋى ئىراننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

نېتانىياھۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن، غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھقا قارىتا باشلىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ: «بىز رەفاھقا كىرىمىز ۋە كونكرېت غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى.

نېتانىياھۇ 22-مارتتا تېل ئاۋىۋنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھقا كىرمەي تۇرۇپ ھاماسقا قارشى غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇنى ئامېرىكانىڭ ياردىمىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما مەجبۇر قالغان ئەھۋالدا ئۆزى يالغۇز بولسىمۇ بۇ ھەرىكەتنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر