كانادا قورال ئېكىسپورتىنى توختاتتى، ئىسىرائىلىيە نارازىلىق بىلدۈردى

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلاينې جولى (Melanie Joly) ھۆكۈمەتنىڭ ئىسىرائىلىيەگە قورال سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2117760
كانادا قورال ئېكىسپورتىنى توختاتتى، ئىسىرائىلىيە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلاينې جولى  «تورونتو ستار» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاۋام پالاتاسى پەلەستىن ھەققىدە قوبۇل قىلغان بەلگىلىمىگە بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بولمىسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ «ئىسىرائىلىيەگە قورال ئېكىسپورت قىلىش» نى توختىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى تەستىقلاش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسىرائىلىيەگە قورال سېتىشنى توختىتىش قارارىنىڭ سىمۋوللۇق بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ 8-يانۋار (2024) ئىسىرائىلىيەگە ھەربىي مالزىمە ۋە تېخنىكا ئېكىسپورت قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتز كانادانىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ: «كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ، ياشانغانلار، ئاياللار، كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىگۇناھ ئىسىرائىلىيەلىكلەرگە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھاماس قاتىللىرى ئالدىدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ قانۇنلۇق ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا پالتا چاپقان بۇ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇم. تارىخ ھامىنى بىر كۈنى كانادانىڭ بۇ ھەرىكىتىنى سوتقا تارتىدۇ» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر