بولىۋىيەدە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 52 كىشى قازا قىلدى

بولىۋىيەدە يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرپ، 52 كىشى قازا قىلدى.

2116369
بولىۋىيەدە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 52 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بولۇپمۇ لا پاز قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەرگە  ئېغىر  تەسىر كۆرسەتكەن يامغۇر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە ماددىي زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەب  بولغان.

بولىۋىيەدە يىل بېشىدىن بۇيان يامغۇر پەسلى باشلانغان بولۇپ، 3 ئاي ئىچىدە 52 كىشى قازا قىلىپ، 5 كىشى يوقاپ كەتتى.

ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاتتىق يامغۇرنىڭ 133 يېزىدا كەلكۈنگە سەۋەب بولغانلىقى ۋە 51 مىڭ 668 كىشىنىڭ ئاپەتنىڭ  تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

911 ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، 1251 ئۆينىڭ قىسمەن بۇزۇلغانلىقى ۋە يامغۇر سەۋەبىدىن بەزى رايونلاردا «قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش» ئېلان قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر