يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئىراننى رۇسىيەگە ياردەم بەرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىران قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپلەرنى، رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا چاقىردى.

2116198
يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئىراننى رۇسىيەگە ياردەم بەرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەدىن تەركىب تاپقان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىران قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپلەرنى، رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا چاقىردى.

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىگە ۋاكالىتەن نۆۋەتچى رەئىس ئىتالىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا: «بىز ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان قانۇنسىز ۋە يولسىز تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ماددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى دەرھال توختىتىشى توغرىسىدىكى چاقىرىقىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇلار ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بىز ئىراننىڭ رۇسىيە ھاكىمىيىتىنى ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇمدا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئالاقىدار تېخنىكىلارنى رۇسىيەگە بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتىمىز. بىز ئىراننى بۇنداق قىلماسلىققا چاقىرىمىز؛ چۈنكى بۇ رايوننىڭ مۇقىمسىزلىقىغا تۆھپە قوشىدۇ ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى ماددىي جەھەتتىن قوللاشنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتىدۇ. بۇ خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر».

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا يەنە: «ئەگەر ئىران رۇسىيەنى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياكى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرسا، بىز ئىرانغا قارشى يېڭى ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېز ۋە ماس قەدەملىك ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەييارمىز» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر