جو بايدىن: «نېتانياھۇ ئەمدىلىكتە ئىسرائىلىيەگە پايدىدىن بەكرەك زىيان يەتكۈزىۋاتىدۇ»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رافاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن بىر «قىزىل سىزىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ «ئىسرائىلىيەگە ئەمدىلىكتە پايدىدىن كۆپ زىيان يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى» ئېيتتى.

2113248
جو بايدىن: «نېتانياھۇ ئەمدىلىكتە ئىسرائىلىيەگە پايدىدىن بەكرەك زىيان يەتكۈزىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن <MSNBC> قانىلىدا تارقىتىلغان بىر پروگراممىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۈن تەرتىپتىكى ئاساسلىق تېمىلار ئۈستىدە توختالدى.

جو بايدىن نېتانياھۇنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى ۋە بۇ ھۇجۇملاردا ئۆلتۈرۈلگەن 30 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنچە ئىنسانلارنىڭ پەقەت ھاماسنى قوغلاش ئۈچۈنلا ئۆلتۈرۈلۈشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  

جو بايدىن، «باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا قارىتا قىزىل سىزىقىڭىز نېمە؟ بىرەر قىزىل سىزىقىڭىز بارمۇ؟ مەسىلەن؛ رافاھنى ئىشغال قىلىش بىر قىزىل سىزىق بولالامدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ بىر قىزىل سىزىقتۇر. ئەمما ھەرگىزمۇ ئىسرائىلىيەنى تاشلىمايمىز. ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئەسى يەنىلا ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

بايدىن نېتانياھۇنىڭ ئەمدىلىكتە ئىسرائىلىيەگە پايدىدىن كۆپ زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ «قانداق قىلغاندا پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلمايمىز؟»  دېگەن مەسىلىگە جىددىي ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر