نىككى خالېي سايلامدىن چېكىندى

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزات كاندىداتى نىككى خالېي ئامېرىكادا نويابىردا (2024) ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2112254
نىككى خالېي سايلامدىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزات كاندىداتى نىككى خالېي «بۈيۈك سەيشەنبە» دەپ ئاتلىدىغان دەسلەپكى سايلاملاردا، سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ زور پەرق بىلەن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سايلامدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى سابىق دائىمىي ۋەكىلى نىككى خالېي جەنۇبىي كارولىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ئۇلۇغ دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن. ئەمما، سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىمنى توختىتىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېدى.

نىككى خالېي سەيشەنبە كۈنى (5-مارت) 15 ئىشتاتتا ئۆتكۈزۈلگەن «بۈيۈك سەيشەنبە» سايلاملىرىدا، ۋېرمونت ئىشتاتىدىلا غەلىبە قىلدى، قالغان ئىشتاتلارنىڭ ھەممىسىدە رەقىبى سابىق پىرېزىدېنت ترامپقا ئۇتتۇرۇپ قويدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر