ئەربىلدىكى چوڭ بازاردا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە ئىشلىتىلگەن مەھسۇلاتلار سېتىلىدىغان لەڭگې بازىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
2108498
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوت ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى ئەمما نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ كۆيۈپ كۈل بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
«ئوت ئاپىتىنىڭ باشلىنىشىغا ئېلېكتر ئېقىمى سەۋەب بولدى» دەپ قارالغان ۋەقە توغرىسىدا تېخىچە بىرەر رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.