بېنيامىن نېتانياھۇ بىرازىلىيە پىرېزىدېنتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەرىكىتىنى گىتلېرنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاتقان ئىدى.

2104035
بېنيامىن نېتانياھۇ بىرازىلىيە پىرېزىدېنتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەرىكىتىنى گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشىغا ئوخشاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتتى» دېدى.

نىتانىياھۇ يازما باياناتىدا، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى سىلۋانىڭ سۆزلىرىنىڭ، «نومۇس قىلارلىق ۋە قورقۇنچلۇق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ «(ھولوكوست) چوڭ قىرغىنچىلىقنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزمۇ بىرازىلىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئەيىبلەش ئۈچۈن مىنىستىرلىققا چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىسرائىل پىرېزىدېنت سىلۋانىڭ سۆزلىرىنىڭ «نومۇس قىلارلىق ۋە قوپال» بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر