ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار توغرىسىدا يېڭى رەقەم ئېلان قىلىندى

ياپونىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىشىكاۋا ئىشتاتى ۋە نوتو يېرىم ئارىلى قىرغاقلىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 180 گە چىقتى.

2086024
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار توغرىسىدا يېڭى رەقەم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشىكاۋا ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنلىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 180 گە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، 28 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى، ئىشتاتتا قاتنىشى توختىتىلغان يوللار سەۋەبىدىن 3 مىڭ 300 كىشىنىڭ يوللاردا قاپسېلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىككى ھەپتىلىك تەتىل ۋە تۈنۈگۈن (8-يانۋار) كى «چوڭلار بايرىمى» (Seijin no Hi) دىن كېيىن، 9-يانۋار (بۈگۈن) ياپونىيە تەۋەسىدە ئوقۇش باشلانغان بولسىمۇ، ئىشىكاۋادىكى 80 دىن ئارتۇق مەكتەپ يەر تەۋرەشتە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن دەرس باشلىيالمىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى رايوندا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان جايلارنى قايتىدىن رېمونت قىلىش مەقسىتىدە خامچوتتىن 4.7 مىليار يىن (33 مىليارد دوللار) ئاجراتتى.

ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسى 1-2-3- 4-يانۋار كۈنلىرى ئىشىكاۋانىڭ نوتو يېرىم ئارىلى ۋە قىرغاقلىرىدا، تۆت بالدىن يەتتە بالغىچە بولغان يەر تەۋرەشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر