جەنۇبىي ئافرىقا ئىسرائىلىيەنى «ئىرقىي قىرغىنچلىق» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، سوتقا ئەرزى سۇندى
جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەرىكەتلىرى جەريانىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.
2082340
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە <ئىسرائىلىيەنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش يولىدا تاشلانغان تۇنجى ئەمەلىي قەدەم> دەپ باھا بەردى.
جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە سادىر قىلغان قىلمىشلىرى ئارقىلىق 1948-يىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، مەھكىمىنىڭ ۋاقىتلىق كېسىم چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى؛ ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، دۆلىتىگە تۆھمەت چاپلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.