شى: تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىشى مۇقەرەر يۈزلىنىش

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىشىنىڭ «مۇقەرەر يۈزلىنىش» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

2081275
شى: تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىشى مۇقەرەر يۈزلىنىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شى جىنپىڭ مازېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 130-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلق چوڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ خىتاينىڭ قايتىدىن بىرلىشىشىنى «مۇقەرەر يۈزلىنىش»، «خىتاينىڭ ھەققانىي دەۋاسى» ۋە «خىتاي خەلقنىڭ ئارزۇسى» دەپ ئاتاپ: «ئانا ۋەتىنىمىز قايتىدىن بىرلىشىشى كېرەك، ئەلۋەتتە قايتىدىن بىرلىشىدۇ» دېدى.

ئۇ تەيۋەننى خىتايدىن ئايرىماقچى بولغانلارنى «قايسى شەكىلدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر توسىدىغانلىقلىرى» نى بىلدۈردى.

شى جنپىڭنىڭ تەيۋەندە 2024-يىلىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى بۇ سۆزلەرنى قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

بېيجىڭ تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسى(DPP)  نىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ۋە ھازىرقى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت لەي چىڭتېنى «مۇستەقىللىق تەرەپدارى» ۋە «بۆلگۈنچى» سۈپىتىدە كۆرىدۇ.

دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسى سايلامدا غەلىبە قىلغان ئەھۋالدا تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ.

خىتايدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، جياڭ جېيشى رەھبەرلىكىدىكى خىتاي مىللەتچى پارتىيەسى (گومىنداڭ) بىلەن ماۋزېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى كۈچلىرى ئارىسىدا چىققان ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان كوممۇنىستلار، 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئىچكى ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان مىللەتچى خىتايلار 1912-يىلى قۇرۇلغان «خىتاي جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىنى تەيۋەنگە يۆتكىگەن ئىدى.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەيۋەن، 1949-يىلدىن بېرى ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل بولۇپ كەلمەكتە.

بېيجىڭ تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن قايتىدىن بىرلىشىشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا كۈچ ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بازارغا سېلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر